ساقال قويغان ئۇيغۇرنىڭ سوتلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يازغان خىتاي مۇخبىر سۆزىدىن يېنىۋالدى

27-مارت كۈنى قەشقەر ھۆكۈمەت خەۋىرىدە «قەشقەردە سوت ئېچىلىپ، ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 38 ياشلىق ياشلىق مەمتىمىن ئىسىملىك ئۇيغۇرغا 6 يىللىق قاماق جازاسى، ئۇنىڭ ئايالىغا 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن» لىكى ھەققىدە خەۋەر يازغان مۇخبىر ئىلى چۈنشيا، 31-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋىرىنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مۇخبىرى ئىلى چۈنشيا باياناتىدا، «مەن قەشقەر ئالاھىدە رايون گېزىتى مۇخبىرى ئىلى جۈنشيا، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلىنغان ‹قەشقەر شەھىرى بىر تۈركۈم كىيىنىشى لاياقەتسىز، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى بىر تەرەپ قىلدى› تېمىلىق خەۋەرنى، ئەستايىدىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاش ئېلىپ بارمايلا يېزىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇم، خەۋەرنىڭ ھەقىقىي بولۇش پىرىنسىپىغا مۇخالىپ ئىش قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن» دەپ يازغان.

27-مارتتىن باشلاپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىقلاردا بۇ خەۋەر كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا «ئىسلامىيەت يوسۇنىدا ساقال قويۇپ ھىجاپلانغىنى ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى» ھەققىدە خەۋەر ئانالىزلىرى كەڭ تارقالغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ بەرگەن باياناتلىرىدا «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي كىيىنىش ئەركىنلىكىنى چەكلەپلا قالماستىن، سوت ئارقىلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىشتەك ئېغىر جازالاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى، ئەقەللىي ئىنسانىي كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەسەبىيلىك بىلەن ئاياق ئاستى قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇش ۋە ھىجاپلىنىشىنى ئاشكارا چەكلىگەن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2015-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ «ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاياللارنىڭ ئىسلامىي يوسۇندا ھىجاپلىنىشى، 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇشى چەكلىنىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ تەنقىدلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.