گۇمادىكى پارتلاشتا ئۆلگەن غەيرەت مامۇت خىتاينىڭ «جۇمھۇرىيەت مېدالى» نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.08.29

خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ 28-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە «جۇمھۇرىيەت شەرەپ نامى» نامزاتلىرىنى باھالاپ چىقىشنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكلىرىنى ئېلان قىلغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، «جۇمھۇرىيەت شەرەپ نامى» مۇكاپاتىنىڭ 28 نەپەر نامزاتى ئىچىدە 2016-يىلى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئەينى چاغدىكى گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت ئورۇن ئالغان.

«خەلق تورى» دىكى بۇ ئۇقتۇرۇشتا غەيرەت مامۇتنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ساقچىلىق خىزمىتىگە قاتناشقان 7 يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي ئامانلىق ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ئالدىنقى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى، «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئورۇن ئېلىپ، 2016-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيەسىدىكى بىر ئا دەرىجىلىك قاچقۇننى قوغلاۋاتقاندا ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

رادىيومىز ئەينى چاغدا گۇمادا يۈز بەرگەن بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەپسىلىي خەۋەر قىلغان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەزكۇر ۋەقەنىڭ گۇمانىڭ كۆكتېرەك يېزا 23-كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، شۇ كۈنى غەيرەت مامۇتنىڭ ئىدارىدىكى بىر خىتاي ساقچى ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلە تەكشۈرۈشىگە چىققانلىقى ۋە تۇيۇقسىز بايقالغان بىر گۇمانلىق ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ گەمىسىگە چۈشكەندە بومبا پارتلاپ كېتىپ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، غەيرەت مامۇتنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە «دۆلەت شەرەپ نامى» نىڭ خىتاينىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان خىتاي تەتقىقاتچىلار، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن بىر قاتاردا بىر نەپەر جېنىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر «قۇربان» نىڭ تاللىنىشىمۇ دىققەت قوزغايدىغان بىر سېلىشتۇرما ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.