خىتاي ھۆكۈمىتى 25-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىللىق «ساخاروف پىكىر ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىنى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى بىر «تېررورچى» نى مۇكاپاتلاش بىلەن تەنقىدلىگەن.
ياۋروپا پارلامېنتى پرېزىدېنتى دەيۋىد ساسسولى 24-ئۆكتەبىر بۇ يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. دەيۋىد ساسسولى، ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر-خىتاي خەلقلىرى ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر زىيالىي» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتى ۋە كۆرسەتكەن جاسارىتىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىدا «مەسىلە بارلىقى» نى تەكىتلەپ، «مەن ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا، ئۇنىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، بىر تېررورچىنى مۇكاپاتلاشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. خۇا چۈنيىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ «بۇ مۇكاپاتنىڭ قانداق مۇكاپات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى ياكى قانداق تەسىرى بارلىقىنى بىلمەيدىكەن.»
لېكىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ 25-ئۆكتەبىر تۋېتتىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا بېغىشلىغانلىقىغا بېرىلگەنلىكى تەكىتلىنىپ، «بىراق 2014-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن ئالالمايدۇ. ئىلھام توختى چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى، خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى باستۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك» دېيىلگەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى.