خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ «خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى» نى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيتتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەقىب ۋە بېسىم سىياسىتى ئاستىدا كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۈگۈن، يەنى 6-ئىيۇن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خىتايچە تور بېتىدە خىتاي ۋاقتى 5-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكى»، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا توپلىشىپ «ساما ئوينىغانلىقى ۋە داقا-دۇمباقلارنى چېلىپ ھېيت شادلىقىغا چۆمگەنلىكى» ھەققىدە بىر خەۋەر بېسىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ قويۇپ، «ھەر مىللەت خەلقى خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېيىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور تىمۇسىي گرۇس 4-ئىيۇن، يەنى روزا ھېيت كۈنىدە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىگە بىر يازما چاپلاپ، «ھېيتگاھ جەمەسى» نىڭ 2014-يىلى روزا ھېيتتىكى سۈرىتى بىلەن بۇ يىللىق سۈرىتىنى سېلىشتۇرغان. ئۇ بۇ يازمىسىدا 2014-يىلى ئادەم بىلەن لىق تولغان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ بۇ يىلغا كەلگەندە قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىلاردا بىرمۇ ئادەم قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.
6-ئىيۇن كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» يەنە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرازاق تۆمۈرنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خىتايپەرەست «ئىمام ۋە دىنىي زاتلار» نى يوقلاپ، ئۇلارغا ھېيتلىق سالام يەتكۈزگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلام دىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل» دەپ قارىلىپ، قاتتىق چەكلىنىۋاتقان، مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىشكە ۋە ئىچىشكە زورلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ساختا تەشۋىقاتلارنى مەيدانغا چىقىرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى روزا ھېيتنىڭ قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ يەنىلا «ۋەزىيەتنى پەردازلاپ كۆرسىتىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.
