ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرىدا تۇتقۇنلارغا خىتاي تىلىدىن دەرس ئۆتكەن ۋە كېيىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباي ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ يەنىلا خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سايراگۈل ساۋۇت قازاقىستانغا قېچىپ ئۆتكەندىن كېيىن قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ دېلوسى ئاخباراتلارنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان ۋە خەلقئارالىق جامائەت پىكىرى نەتىجىسىدە بۇلتۇر 8-ئايدا قازاقىستان سوتى ئۇنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغان.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ 6-فېۋرال كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئايدىكى سوت قارارىدىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا كىشىلەر سايراگۈلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ئەمدى بۇ ھەقتە سۆزلىمەسلىكنى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. سايراگۈل ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتى ۋە باشقىلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا قازاقىستاندا پاناھلىنىش ئىلتىماسى قوبۇل بولغۇچە بولسىمۇ جىم تۇرۇپ تۇرۇش ھەققىدىكى نەسىھەتى بىلەن خىتايدىكى لاگېرلار ھەققىدە سۆزلەشنى توختاتقان. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ قازاقىستاندا پاناھلىنىش تەلىپى ئىككى قېتىم رەت قىلىنغان.
سايراگۈل «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزى قازاقىستاندىن پاناھلىق ئېلىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا قىلىۋاتقان بېسىمىدىن بۇ ئۈمىدىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق سۈكۈت قىلىش ياكى لاگېرلاردا كۆرگەنلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تاللاشقا قالغانلىقىنى ئېيتقان.
سايراگۈل بۇلتۇر 8-ئايدىكى سوتتا ئۆزىنىڭ لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدە لاگېرلارغا ئائىت مەخپىي ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. گەرچە ئۇ لاگېر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېرىشمىگۈچە بۇ ھەقتە سۆزلىمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەمدى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.