سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي تىلىنى رەسىمى دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزگەن

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى خىتاي تىلىنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك مائارىپ قاتلاملىرىغا رەسمىي دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ توغرىسىدا خىتاي بىلەن رەسمىي كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان خىتاينى زىيارەت قىلغاندا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مۇھەممەت بىن سالمان بۇ يىل 2‏-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تەدبىر ئېلىش ھوقۇقى بار» دېگەن.

ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ «ھاممىسى»، «ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى» دەپ قارايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ۋەلىئەھدىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشنى يولغا قويغان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بىن سالماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىستى جامال قاشۇقچىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك خەلقئارادا يېتىم قالغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇپ، خىتاينى ئۆزى ئۈچۈن «بىر چىقىش يولى» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، سەئۇدى تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تىلىنىڭ دەرسلىككە كىرگۈزۈلۈشى سەئۇدى ئەرەبىستان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەتتە كۆپ خىللىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى 2030‏-يىللىق مىللىي تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.