خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇندىكى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇلار توغرىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرنىمۇ تۇتقۇن قىلغان.
ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، سەئۇدى دائىرىلىرى بۇ ھەپتە ھەمدۇللا ۋە نۇرمۇھەممەت توغرىسىدا ئۇلارغا ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقان مەككەدىكى بىر كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، «ھەممىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە قاماپ قويغان.»
ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپىدىن ساقلاپ قالمىسا، ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان ئىكەن. ھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 2-ئايدا ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، شۇ يىلى 11-ئايدا سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. شۇ قېتىم ھەمدۇللانى مەككەدىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە تۇرغۇزغان نۇرمۇھەممەت روزى ئىسىملىك ئۇيغۇرمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
ھەمدۇللانىڭ پەرزەنتلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ھەمدۇللا بىلەن نۇرمۇھەممەتنىڭ جىددە شەھىرىدىكى داھبان تۈرمىسىدىن رىيادقا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، نۇرمۇھەممەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 5-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولىدىغان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە يۆتكىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.
