ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 15-ئىيۇل سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ س ن ن تورى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. س ن ن نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئائىلە ئەزالىرى پرېزىدېنت بايدېندىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەئۇدى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپلا قالماي، بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلاردىن ھەمىدۇللا ۋەلىنىڭ قىزلىرىنىڭ پرېزىدېنت بايدېننى دادىسى ۋە تۇتقۇندىكى قالغان 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇشتىن ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.
سەئۇدى دائىرىلىرى 2020-يىلى تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۈمرە ھەجگە بارغان تۇرپانلىق دىنىي زات ھەمدۇللا ۋەلى، شۇنداقلا ھەمدۇللا ۋەلىنى ئۆيىدە قوندۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇتقۇن قىلغان. سەئۇدى دائىرىلىرى يەنە بۇ يىلنىڭ باشلىرى نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بۇخەلچۈم ئابلا بىلەن ئۇنىڭ 10 نەچچە ياشلىق قىزىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن رىيادقا يۆتكەپ كەتكەنىدى. س ن ن خەۋىرىدە بۇخەلچەم ئابلانىڭ رىيادقا ئېلىپ ماڭغاندا تارتىلغان ۋىدىيوسىنىمۇ ئېلان قىلدى. خەۋەردە، شۇندىن بېرى ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
س ن ن نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ توغرىلىق سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت جاۋاب بەرمىگەن. ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزلىرىدىن نۇرىمان ۋەلى پرېزىدېنت بايدېنغا قىلغان چاقىرىقىدا، بىردىن-بىر ئۈمىدنىڭ ئامېرىكادا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پرېزىدېنت بايدېن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغاندا سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى سورايمىز» دېگەن.
