يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاۋانگارتلار ئېقىمىغا مەنسۇپ شائىرلاردىن تاھىر ھامۇت، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ئىنگىلىز تىلى دۇنياسىدىكى شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، 17-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەدەبىي ژۇرنال-«ئاسۇمپىتۇت» نىڭ 2017-يىللىق 1-سانى نەشىر قىلىنغان. ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن تاھىر ھامۇتنىڭ «يول»، «چەك-چېگرا» ۋە «ئارىلىق» ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ شېئىرىيەت سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان.
تاھىر ھامۇتنىڭ يوقىرىقى ئۈچ پارچە شېئىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى جوشۇۋا فىرىمان تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىدىن بىۋاسىتە ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، تاھىر ھامۇتنىڭ نەچچە ئون پارچە شېئىرلىرى يېقىنقى يىللاردا ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان.
ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدە «تاھىر ھامۇت شېئىرىيەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ كېچىلىكتە ئۆز شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان.
ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنگىلىز ۋە ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئارقا-ئارقىدىن يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتىكەن.