ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى چەتئەللەردە زور قىزىقىش پەيدا قىلماقتا
2016.10.02
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى ياش شائىرلار، بولۇپمۇ شېئىرىي تۇيغۇ ۋە بەدئىي شەكىلدىكى يېڭىلىقلار بىلەن تونۇلىۋاتقان «ئاۋانگارت» شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياش شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتلاش خاراكتېرلىق ئۆزگىرىشلەر قوزغاپ، ئۇيغۇر بەدئىي تەپەككۇرىنىڭ يېڭى بىر دەۋردىكى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي مىقياسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە 1990 - يىللاردىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى ۋە خىتاينىڭ يوقىرى بېسىملىق تەقىپلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭىلىق ۋە ئىجادىي روھ بوغۇلۇپ، 1980 - يىللاردىكى قىزغىن كەيپىياتىغا قايتالمىدى.
ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيانقى بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئوبزورچىلاردا ئۈمىد پەيدا قىلماقتىكەن. ئەخمەتجان ئوسمان، تاھىر ھامۇت، پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنىياز قاتارلىق بىر تۈركۈم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كەينى - كەينىدىن ئىنگلىز، ياپون ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دىققەت قوزغىماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ئىنگىلىز ۋە ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ توپلام ھالىتىدە نەشىر قىلىنغان ۋە بۇ بۇ ھەقتە ئوبزورلار يېزىلغان. يېقىندا «ياپونىيە تىنىقى» ناملىق ژۇرنالدا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە ئاپتور بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلان قىلىنغان. بۇ يىل 20 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ۋە ئىچكىي ئاسىيا فاكۇلتېتىدا «تاھىر شېئىرىيەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن.