شېيىن پاي چېكىنىڭ لوندوندا بازارغا سېلىنىشى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كىيىم-كېچەك شىركىتى شېيىن(Shein) بۈگۈنكى كۈندە توردا مال سېتىش كۆلىمى دۇنياغا كېڭەيگەن چوڭ شىركەتكە ئايلانغان بولۇپ، پاي چېكىنى لوندون ئاكسىيە بازىرىغا سالماقچى بولغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئورگىنىغا چاقىرىق قىلىپ، شېيىن پاي چېكىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات» نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شېيىن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق شىركەتنىڭ پايلىرىنى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا قانۇنىي يوللار ئارقىلىق قارشى چىقىشقا باشلىغان. ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىۋاتقان بىر ئادۋوكاتلىق ئورنى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئورگىنىغا يازغان خېتىدە: «شېيىننىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىش ئۇرۇنۇشى چوقۇم رەت قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.

شېيىن شىركىتى ئۆتكەن يىلى 66 مىليارد دوللار مەبلەغ جۇغلاپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنىڭ كويىغا كىرگەن. ئەسلىدە ئۇلار نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكادىكى سىياسەتچىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئورگىنىنى ئەسكەرتىپ «ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرى كومىتېتى شېيىن شىركىتىنىڭ نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى رەت قىلدى؛ چۈنكى بۇ شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قۇللار ئەمگىكى مەۋجۇت» دېگەن. مەزكۇر تەشكىلات يەنە، ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچىلارغا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى بېكىتىلىدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالغان ھەر قانداق شىركەتنىڭ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئەنگلىيە ئۇنىڭغا يول قويسا بۇ ئەھدىنامىگە رىئايە قىلمىغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.