شېنجېندىكى ئەخلەت تېغى غۇلاش ۋەقەسىدىكى 31 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

خىتاينىڭ شېنجېن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 12- يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە، بۇلتۇر 20-دېكابىر شېنجېن شەھىرىنىڭ پارلاق ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىدىن ھاسىل بولغان تاغنىڭ غۇلاش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بار 31 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 كىشىنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، ۋەقە يۈز بېرىپ 24-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، ئەينى چاغدىكى ئەخلەت تېغى گۈمۈرۈلۈپ لاي-لاتقا ئاستىدا غايىب بولغان كىشىلەردىن 69 ئادەمنىڭ ئۆلۈكى تېپىلغانلىقى، قۇرۇلۇش ئەخلىتىدىن ھاسىل بولغان تاغ غۇلاشتا غايىب بولغانلاردىن يەنە 8 كىشىنىڭ ئىز ‏-دېرىكى يوقلۇقى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يارىدارلاردىن 11 كىشىنىڭ ساقىيىپ چىققانلىقى، يارىسى ئېغىر 6 كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

2015-يىل 20-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تاغ غۇلاش ۋەقەسىدە، 30 دىن ئارتۇق تۇرالغۇ بىناسى پاتقاق ئاستىدا قالغانلىقى، 90 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە شىددەتلىك ھۆل-يېغىندىن كېيىن تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىر رايون لاي-پاتقاق ئىچىدە قالغانلىقى، رايوندا ياشاۋاتقان 900 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.