شى جىنپىڭ «بەش دۆلەت گۇرۇھى» نىڭ يىغىنىدا خەلقئارا ئىمبارگونى «سۈيىئىستېمال قىلىش» نى ئەيبلىگەن

ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 23-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن «بەش دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلىرىنىڭ تور يىغىنىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىمبارگونى «سۈيىئىستىمال قىلىش» نى ئەيبلىگەن.

برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئارىقانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بەش دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىغا ئائىت «ئېنىق ۋە قايىل قلارلىق دەلىللەر» نى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىن يەنە رۇسىيە ئۇكرائىناغا قىلغان قوراللىق تاجاۋۇزى سەۋەبىدىن قاتتىق خەلقئارا ئىمبارگوغا ئۇچرىغان بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا شى جىپىڭ، برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئاقرىقانى ئ‍ىقتىسادىي نوپۇزىدىن ئالغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرغان، ب د ت نى بازا قىلغان كۆپ قۇتۇپلىق «ھەقىقىي خەلقئارا سىستېما» ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا ئ‍ۈندىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۈرى، لاگېرلارغا بۆلۈنۈپ قارشىلىشىش، بىر تەرەپلىك ئىمبارگو ۋە ئىمبارگونى سۈيىئىستېمال قىلىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك،» ئىكەن.

ئ‍انالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا قانۇنىنىڭ قاتتىق ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغان خىتاي رەھبىرى بۇ سۆزلەر ئارقىلىق، رۇسىيە رەھبىرىگىمۇ پاس چىقارغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق دىگەن: «بىزنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىمىز ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىدە ‹بەش دۆلەت گۇرۇھى› دىكىلەر مەسئۇلىيىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.»

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەرنى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئ‍ۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىپ، خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېيتقان.