«شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۆرگەزمىسى» دە خىتاي يەنىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» نى تەشۋىق قىلغان
2024.03.12
يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىرلىكتە بېيجىڭدا «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ يۈز يىللىقى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىدا بېرىلگەن بۇ خەۋەردە «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالمىشىش تارىخى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى يورۇتۇپ بېرىلدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە، چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى قېزىشى بۇلاڭچىلىق دەپ ئاتالغان. ساقلىنىپ قالغان تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ تامامەن دېگۈدەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا خوتەندىن تېپىلغان بۇددا تام رەسىملىرىنىڭ مىسال ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ئوخشاش، ئۇلارنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ» دېيىلگەن.
بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئېچىلغان بۇ كۆرگەزمە خىتاينىڭ تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنىمۇ سىياسىي غەرەز ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزىدە بۇ خىل تارىخىي يادىكارلىقلارنى ئىچكىرى خىتايغا باغلاپ چۈشەندۈرسە، بەزىدە «شىنجاڭدا ئەسلىدە ئۇيغۇرلار يوق، كېيىن كۆچۈپ كەلگەن» دېگەن سەپسەتىنى تارقىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىمى، تارىخشۇناس ئابلەت خوجايېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى يىراق قەدىمدىن تارتىپلا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كەلگەن، ئايرىم مەدەنىيەت بەرپا قىلغان. خىتاي سۇلالىلىرى بۇ دىيارنى ئۇزۇن ئەسىرلەرگىچە ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان؛ پەقەت ئەلچىلەر ئەۋەتكەن. قىسمەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغىنىغا قاراپلا، بۇ دىيارنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دېيىش تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس.