ئۇيغۇرلار دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ دوكلاتىدا يەنە تەكىتلەندى.
«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىنىدا ھۆكۈمەت رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىزمەت دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. دوكلاتتا ئۇ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ، تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىدىيەمىزدە ۋە ئەمەلىيىتىمىزدە تەييارلىق كۆرۈشىمىز لازىم» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر دوكلاتىدا 1990-يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ كۆپلىگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك» نى رايون خىزمىتىنىڭ يادروسى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «ھازىر شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم. تېررورلۇق ۋە مۇقىملىق خىزمىتى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكتىن ھازىر بارلىق ئەھۋاللار ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولماقتا» دېگەن.
ھالبۇكى، خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ «تېررورلۇق» نى باھانە قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشىنى، جۈملىدىن «تېررورلۇق» بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنى «تېررورلۇق باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى قەستلىگەنلىك» دەپ تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى قامىۋېلىش بەدىلىگە ئاتالمىش «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» بەرپا قىلىشىنى «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېتنىك تازىلاش» دەپ تەرىپلىمەكتە.
