خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى 2-سېنتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ. «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوڭشىۋېلىشىغا ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە ش ت ئى ھ نى ئۇنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە ئالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇرۇن بوش ھۆكۈمىتى خىتاينى ئىستىراتېگىيەلىك رەقىب، دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى بۇرىۋەتكەن.
ئامېرىكانىڭ ئەينى چاغدىكى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق 2-نومۇرلۇق دىپلوماتى چارلېس فرېماننىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قىياپەتتە نىشاننى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرغان».
ماقالىدە، خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ2001-يىلى 12-سېنتەبىر كۈنى پرېزىدېنت بۇشقا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىغان ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تۇنجى چەتئەل رەھبىرى ئىكەنلىكى، بوز ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى يىلى ش ت ئى ھ نى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەنلىكىى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە ئامېرىكانىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد بوۋچېرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، خىتاي يىللاردىن بېرى بۇ گۇرۇھنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ «بۇ كىشىلەر كىملەر؟ بىز ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى، بۇنداق تەشكىلاتنى، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆرۈپ باقمىدۇق» دەپ جاۋاب بېرىپ كەلگەنىكەن.
رىچارد بوۋچېر: «بىز خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پېشىغا چۈشمەكچى بولغانلىقىنى بىلەتتۇق» دېگەن. ئۇ يەنە: «11-سېنتەبىردىن كېيىن كارىۋات ئاستىغا كىرىۋالغان ھەر بىر تېررورچىنى تاپقان بولساقمۇ، بىراق ئۇيغۇرلاردىن جىددىي بىرەرىنى تاپالمىدۇق» دەپ ئەسكەرتكەن. ماقالىدە يەنە بېيجىڭنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى كونترول قىلىشتا پاكىستان ۋە تالىبانلاردىن پايدىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ 1999-يىلى پاكىستان ئارقىلىق تالىبانلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئافغانىستاننى بازا قىلغان ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى پاسسىپلاشتۇرغان، ئۇلارنىڭ خىتاينى نىشان قىلغان مەشىق بازىلىرىنى تاقاپ، بازىدىكىلەرنى باشقا جىھاتچى لاگېرلارغا تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نىشانى ۋە تەسىرىنى ئاجىزلاتقانىكەن.
