ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق ھالدا چەكلىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىرىلىنىڭ 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان، بۇنىڭغا قارىتا خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزكۇر بايانلىرىغا خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ نارازىلىق قوزغالغان.
بۇ تېمىدا ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پىكىر بايان قىلغان ئاجياۋ شياۋمىن ئىسىملىكى بىرى «بىز جۇڭگودا دىنىي ئەركىنلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارمىز» دەپ يازغان ۋە يازما 373 كىشى تەرىپىدىن ياقتۇرۇلغان؛ يەنە نامسىز تور ئەزاسى «بىز چەكسىز دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئامېرىكىدىلا بولۇشىنى، ئامېرىكانىڭ ھەممە يېرىنى ھالال رېستوران ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قاپلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئىسلام قورقۇنچىنى ئىپادىلىگەن.
بۇ ھەقتە «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» گە پىكىر بايان قىلغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر ئىنكاسنى خىتاي جەمئىيىتىدىكى دىنسىزلىق كەيپىياتىغا باغلاپ چۈشەندۈرسە، يەنە بەزىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە دىنىي مەلۇمات بەرمەسلىكى، ھەتتا خاتا چۈشەنچە بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشماقتا.
يەنە بىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئامېرىكانىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ياشلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر تەشۋىقات ماتېرىيالىدا ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنى خىتايغا نىسبەتەن يات دىن دەپ ئىزاھات بەرگەن ئىدى.