ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن، ئامېرىكانىڭ ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مىنېرال ماددا بولغان سىرەك توپا، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ۋە باشقا ھالقىلىق مەھسۇلاتلاردا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قىلغاندەك ئامېرىكاغىمۇ تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورېيە پايتەختى سېئولغا يېتىپ كەلگەن جەننېت يېللېن، سېئولدا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا، ئۆزىنىڭ كورېيە ۋە باشقا ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنى، گېئو-سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جەننېت يېللېن مۇنداق دېگەن: «بەرداشلىق بېرىدىغان بىر تەمىنلەش زەنجىرى كۆپ خىل تەمىنلەش مەنبەسىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا گېو-سىياسى رەقىبلىرىمىزنىڭ بىزنى كونترول قىلىپ، بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» جەننېت يېللېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىلگىرى «زورلۇق ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ قىلمىشىنى قوبۇل قىلمايدىغان بىرقىسىم دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن. ئۇ ؛ «بۇ بىزنىڭ خىتايغا تايىنىپ قېلىشىمىزنى خالىماسلىقىمىزدىكى بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى، بېيجىڭنىڭ ئىلگىرى ياپونىيەگە سىرەك توپا ئېسكپورت قىلىشنى ئۈزۈپ تاشلىشىنى ئاۋسترالىيە، لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشتە قوللىنىشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشى ئاچقۇچلۇق مەسىلىسىگە ئايلغانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە جەننېت يېللېن خىتاي توغرىسىدا قاتتىق سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «پۈتۈنلەي سەلبىي ياكى ناھايىتى ئېغىر دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە كېڭەيمىگەنلىكى» نى ئېيتقان.