سوفىيە رىچاردسون ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىردەك ئاۋاز چىقىرىشقا دەۋەت قىلدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون خانىم بۈگۈن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى 15‏-مارت كۈنى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا خەتەر ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشقا دەۋەت قىلدى.

خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى «خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە يات، خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ ۋە ھەققانىي ئەمەس» دەپ رەت قىلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن مەزكۇر باياناتتا بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش كويىدا بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ باياناتتا ئەگەر ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىردەك ئاۋاز چىقارسا، ئۇيغۇرلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشتا كېچىككەن بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.