ئالتاي قابا ناھىيىسىدە سۇ ئامبىرى تېشىپ كېتىپ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.18
2013.11.18
17-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيىسى جىربۇلاق سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سۇ ئامبىرىدا تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن تاشقىن يۈز بېرىپ، ئەتراپتىكى 1000 دىن ئارتۇق ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە، جىربۇلاق ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سۇ ئامبىرىدا يۈز بەرگەن تاشقىندا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. ئەمما تاشقىننىڭ ئەتراپتىكى يېزىلاردىن قۇرباي يېزىسى، چىبار يېزىسى، 8-چوڭ ئەترەت 3-كەنت قاتارلىق 3 يېزىدىكى ئاھالىلەرگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.