تاجىكىستان رەسمىي رەۋىشتە كىشى فامىلىسىدىكى رۇسچە قوشۇمچىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.05.02


ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇستەقىل بولغان تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى يېقىندا رەسمىي تۈردە كىشى فامىلە ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلىدىغان رۇسچە قوشۇمچىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

رۇسىيەنىڭ لېنتا.رۇ ئۇچۇر تورىنىڭ تاجىكىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئەرلەرنىڭ فامىلىسى ئاخىرىغا قوشۇلىدىغان رۇسچە «ئوۋ»، «ئېۋ»، «ئوۋىچ» ۋە ئاياللارنىڭ فامىلىسى ۋە دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلىدىغان «ئوۋا» ھەم «ئوۋنا» قوشۇمچىلىرى قانۇنىي رەۋىشتە چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇنىڭدىن كېيىن فامىلىلەر تاجىكچە قوشۇمچە، يەنى«زود»، «زادە»، «يەن» ۋە «فار» قوشۇمچىلىرى قوشۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىكەن.

بۇ ئۇچۇرنى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيە ساھەسىگە مەنسۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جامالىدىن رەھىموۋ مۇخبىرلارغا بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ يىل 1 - ئايدا تاجىكىستان پارلامېنتى بۇنىڭغا ئائىت قانۇننى قوبۇل قىلغان ئىدى.

لېكىن، جامالىدىن رەھىموۋنىڭ ئېيتىشىچە، فامىلە ئارقا قوشۇمچىلىرىنى ئۆزگەرتىش تاجىكلارغا قارىتىلغان بولۇپ، باشقا خەلقلەر ئۆز ئادەتلىرى بويىچە قالسا بولىدىكەن

بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامەلى راخمان ئۆز فامىلىسىدىكى رۇسچە قوشۇمچە «ئوۋ» نى ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزىنى راخمانوۋ ئەمەس، بەلكى راخمان دەپ جاكارلىغان ئىدى.

كىشى فامىلىسى ئارقىسىدىكى رۇسچە قوشۇمچىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ قايسى جۇمھۇرىيەت تېخى ھازىرغىچە قەدەم باسمىغان ئىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ رۇسچە فامىلە قوشۇمچىسىنى تاشلاش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق قەدەمنى باسقان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.