تالىبان كۈچلىرى 15-ئاۋغۇست كۈنى كابۇلغا كىرىپ، پرېزىدېنت سارىيىنى ئىگىلەپ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، تالىباننىڭ ئافغانىستاننى تولۇق كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ خەۋەر تېزلىكتە تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.
CNN تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى 15-ئاۋغۇست كۈنى تاجىكىستانغا قېچىپ كەتكەن. ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى، گېنرال بىسمىللا مۇھەممەد شۇ كۈنى تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، قاچقۇن پرېزىدېنتنى ئەيىبلەپ: «ئۇلار قولىمىزنى كەينىگە باغلاپ قويدى، دۆلىتىمىزنى سېتىۋەتتى، ئاشۇ ئۆلگۈر بايلار ۋە ئۇنىڭ (پرېزىدېنتنىڭ) شېرىكلىرىگە لەنەت بولسۇن!» دېگەن.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋە ئامېرىكانىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنچە تېز ۋەيران بولۇشىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىنCNN مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بۇ دۆلەتنى قوغدىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، خادىملىرىنى كابۇلدىن قايتۇرۇپ كېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
CNN قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ بىردەك خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى تالىباننىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى مەغلۇب قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇن شەھەرلەر ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمەيلا تالىباننىڭ قولىغا چۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تالىبان 15-ئاۋغۇست كۈنى كۆپ جەڭ قىلمايلا ئىگىلىگەن جالالئاباد قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرمۇ بار ئىكەن.
15-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا شىتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىدا گېنرال مارك مىللېي ۋەزىيەتتىن دوكلات بېرىپ: «تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى تېز سۈرئەتتە كونترول قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئەل-قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا قايتا تەشكىللىنىش پۇرسىتى مۆلچەرىمىزدىكىدىن ئىككى يىل ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەتتى،» دېگەن.
ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈشى دۇنيادا يەنە ئەندىشە ياراتقان بولۇپ، سىياسىي كۆزەتچىلەر «ئەگەر ئۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكىگە ئوخشاش رادىكال ئىسلام شەرىئىتى يۈرگۈزسە، ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
تالىباننىڭ سىياسىي رەھبىرى موللا ئابدۇلغەنى بۇرادەر 28-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تيەنجىندە كۆرۈشكەندە، ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى تىلغان ئالغان ھەمدە ئافغانىستاننىڭ بۇ رايوندا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش جەھەتتە چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. تالىبان تېز سۈرئەتتە ئافغانىستاننى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پات ئارىدا تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.
