خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنى «دۆلەت مەنپەئەتى» ئۈچۈن بۇرمىلاپ شەرھىيلىمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر بىر تارىخىي باسقۇچلىرىنى خىتايغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنى ئاتالمىش «دۆلەت مەنپەئەتى» ئۈچۈن بۇرمىلاپ، شەرھىيلەشكە باشلىغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» يېقىندا بۇ توغرىلىق بىر سىنلىق خەۋەر تارقاتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مۇزېيى بىرلىكتە كورلا تەۋەسىدىكى قەدىمكى قەبرىلەرنى قېزىش جەريانىدا، ئاتالمىش «جەنگو دەۋرى»، يەنى خىتاي تارىخىدىكى «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى» گە ئائىت 40 نەچچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ سىنلىق خەۋەردە، قەدىمكى قەبرىلەرنى مېخانىك مەشغۇلات بىلەن قېزىش جەريانىدا ساپال بۇيۇملار، مىس ئەينەك ۋە تاشتىن ياسالغان جابدۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە پارچە قەدىمكى يادىكارلىقنىڭ بايقالغانلىقى، بۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقنىڭ كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى شەھەر رايونىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا قاتناشقان ئاتالمىش خىتاي مۇتەخەسىسلىرى، مەزكۇر سىن فىلىمىدا كورلا رايونىدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى تېپىلمىلارنى خىتاي تارىخىدىكى «جەنگو»، يەنى «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر» دەۋرىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇلار، كورلادىن تېپىلغان بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ ئۇسلۇبىدا ئاتالمىش «جەنگو دەۋرى» دىكى خىتاي مەدەنىيىتىگە خاس ئامىللارنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن «شىنجاڭنىڭ يىراق تارىختىن بۇيان ھەم ئەزەلدىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بىر رايون ئىكەنلىكى» توغرىلىق لاپ ئۇرغان.

مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ «خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى» بولۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە جار سالماقتا. بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش «تارىخىي باغلىنىشى» نى ھەتتا خەن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى «جەنگو دەۋرى» گە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى، چەت ئەللەردىكى تارىخ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت كەسكىن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئىلمىي ساھەنى ئۆزىنىڭ «سىياسىي تەشۋىقاتى» ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.