خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش خىزمىتى ئىزچىل داۋام قىلماقتا

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى «كوناشەھەر رايونىنى خەتەرلىك ئەھۋالدىن ساقلاپ قېلىش» نامىدا چېقىپ تاشلاش ھەمدە بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى بىنا ئۆيلەر رايونىغا كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى «ئۇيغۇرلارنى توپلاپ كونترول قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىش ئۇرۇنۇشى» دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىلىرىنى ئاتالمىش «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىكى يېڭى مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىغا قارىتا ئىككى مىليارد سومدىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ «يېزىلاردىكى بىخەتەر ئۆيلەر قۇرۇلۇشىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى قىلىپ ئىشلىتىش» نى بەلگىلىگەن. خەۋەردە بۇ مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نامرات ناھىيە ۋە شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ،» دېيىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ مەبلەغ ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئاتالمىش «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئاھالە كۆچۈرۈش باشلانغان بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا دەسلەپ شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالە ناھىيە ياكى شەھەرگە يېقىن جايلاردىكى «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئانا ماكانلىرى بولسا خىتايلار باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ «ئارامگاھ» نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان. سۈنئىي بەرپا قىلىنغان بۇ خىل ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ جايلارنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە كۆپلىگەن ئىككىلەمچى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن يازمىلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

نۆۋەتتىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنى «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈش خىزمىتى ھەققىدە پىكىر قىلغان ئانالىزچىلار «بۇ روشەنكى ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى،» دېدى.