تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە توپلىشى ئەندىشە پەيدا قىلغان

«بېنار خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 27-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ بىر دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەمەلدارى نەچچە ئون ئۇيغۇرنى تايلاندنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن باڭكوكتىكى بىر يىغىۋېلىش ئورنىغا توپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن؛ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا 3 ئۇيغۇر تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنىكەن.

تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى پانىتان (Panitan) مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا، بۇ ئۇيغۇرلارنى يۆتكەشتىكى سەۋەبنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، خىتايغا قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئۆلۈمدىن قېچىپ كېلىپ بۇ يەردە بىز بىلەن بىللە ياشاۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى چوقۇم خەلقئارا قانۇن ۋە مەسئۇلىيەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقىغا چېقىلمايمىز، ئائىلىسىنى بۆلۈۋەتمەيمىز، ئەمما مەسىلە مۇرەككەپ، بىز بۇلارنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىمىز».

تايلاند بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە توپلىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، تايلاندتىكى 7 ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋە تايلاند ئىسلام كېڭىشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات-خەلققە ھوقۇق بېرىش فوندى مەسئۇلى چالىدا (Chalida) مۇنداق دېگەن: «56 ئۇيغۇر يەتتە-سەككىز يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىن قېچىپ كېلىپ تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن. ئۇلار ھازىر تايلاندتا مۇقىمسىز بىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنىڭ كويىدا، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق بىرەر قارار چىقارمىدى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى يوقلىشىمىزغا ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىمىزگە يول قويسىكەن دەيمىز».

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2013-، 2014-يىللىرى تەخمىنەن 475 ئۇيغۇر تايلاندقا قېچىپ كىرگەن. 2015-يىل 109 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغان. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلدىكى خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلماسلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.