تايلاندنىڭ «خاسود خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتىكى تۈرمىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ نەپىرى قولغا چۈشكەن. تايلاند ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا قالغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى ھېلىھەم تايلاند چېگراسى ئىچىدە دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەلكىم ئەتراپتا يېمەك-ئىچمەك ئىزدەپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» دېدى.
12-فېۋرال، يەنى سەيشەنبە كۈنى تايلاند تاراتقۇلىرى تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىدىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 2016-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن 7 نەپىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. يۇقىرىقى خەۋەرلەردە تايلاندتا يەنە 50 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان.
2014-يىلىدىن بۇيان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندتا تۇتۇلۇپ «چېگرادىن قانۇنسىز كېرىش جىنايىتى» بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. بۇلاردىن 175 نەپەر كىشى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ خەلقئارالىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان.
بۇندىن سىرت يەنە 2018-يىل ئاۋغۇستتا 27 ياشلىق بىلال ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىمۇ تايلاندتىكى 4 يىللىق تۇتقۇنلۇق مۇددىتىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىقلار تايلاند ھۆكۈمىتىنى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە سالامەت ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.
