فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2015-يىلى 8-ئايدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان مىرئەلى يۈسۈپ، مۇھەممەد بىلاللارنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېچىلماقچى بولغان سوتى تەرجىمان سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، سوتتا مىرئەلى يۈسۈپ سوت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئۆزبېك ئايال تەرجىماننىڭ گېپىنى تولۇق چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن سوتچى ئۇلارنىڭ سوتىنى 10-ئاينىڭ 13-14-كۈنلىرىگە سۈرۈشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ داۋاسى ئۆتكەن 8-ئايدىمۇ يەنە تەرجىمان سەۋەبىدىن سۈرۈلگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەربىي سوتتا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ داۋادا سوتچى ئىلگىرى ئاقلىغۇچىلار تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان تەرجىماننى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ، بۇ داۋانىڭ خەۋپسىزلىككە چېتىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چوقۇم سوت ئۆزىنىڭ تەرجىمان تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
مىرئەلى يۈسۈپ ۋە مۇھەممەد بىلال ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقى، ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. باڭكوك ھۆكۈمىتىنىڭ داۋا ئۈستىدىكى پەرقلىق ئىپادىلىرىمۇ ئىلگىرى تۈرلۈك گۇمانلارغا يول ئاچقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا سوتچىلار كومىتېتىنىڭ ئاسىيا دىرېكتورى سەم زارىفى، «بۇ دېگەن تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر دېلو ھېسابلىنىدۇ. دېلو گۇماندارلىرى سوتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تەرجىمان تەيىنلەيدىغان نەچچە ئاي ۋاقتى بار تۇرۇقلۇق، نېمىشقا كېرەكلىك تەرجىماننى تەييارلىيالمىغانلىقى بىر مۈجمەل ئەھۋال» دېگەن.