تايلاندىكى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. «بانڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 41 ياش ۋە 29 ياشلىق بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر چارشەنبە كۈنى، يەنى 14-ئۆكتەبىر كۈنى تايلاندنىڭ مايسوت رايونىدىكى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن. خەۋەردە ئۇلار ئۈستىدىن جىددىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، چېگرا چارلاش ساقچىلىرى، يەرلىك ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ 14-كۈنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆممىقوناق ئېتىزلىقلىرىنى ئاختۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى نوڭخەي ئۆلكىسىدىكى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىنمۇ قېچىپ كېتىپ، 21 كۈندىن قايتا قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار شۇندىن كېيىن ھازىرقى مايسوت رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا يۆتكەپ كېتىلگەن ئىكەن.
بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى تايلاندتىكى ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە چۆمدۈردى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ھوقۇقلىرىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2015-يىلى 8-ئىيۇل كۈنى تايلاند دائىرىلىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، 109 نەپەر ئۇيغۇرنى باشلىرىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن، قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا بانڭكوك ھەربىي ئايرودرومى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.
تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پاجىئەسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا 54 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى تۈرمە ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ۋە تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغان ھالدا تۇرماقتا.