خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-29-ئىيۇل كۈنلىرى چۆچەكنىڭ تولى ناھىيىسىدىكى قاتتىق يامغۇر دىن كېيىن، 31-ئىيۇل ۋە 1-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى كۈنەس، تېكەس ۋە غۇلجا ناھىيىلىرىدىمۇ قاتتىق يامغۇر يېغىپ بۇ يىل ياز پەسلىدىكى 2-قېتىملىق قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى باياناتىدا ئاپەتنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
غۇلجا ناھىيىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇر پەقەت ئىككى كۈنلا ياققان بولسىمۇ، ئەمما يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈندە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ بۇ يىل 6-ئايدىكى رامىزان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن 10 كۈنلۈك قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە ئوخشاشلا، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى، مال-قوتانلىرى ئۆرۈلۈپ كېتىش، ئېتىزلىرىنى سۇ بېسىپ كېتىشتەك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، گەرچە ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ بۇ يىل يازدىكى زىيانلىرىنىڭ ئۇلارغا زور ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئېغىر روھى بېسىم كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋەرلەر تورىدا 28،-29-ئىيۇل كۈنلىرى چۆچەكنىڭ تولى ناھىيىسىدە ياققان قارا يامغۇردا، تاغدىن كەلكۈن كېلىش، لاي-لاتقىلار ئېقىش ئاپىتى يۈز بېرىپ، تاغ ئوتتۇرىسىدىكى ئويمانغا جايلاشقان تولى ناھىيە بازىرىدىكى كوچىلار سۇ ئاستىدا قېلىش، سودا بازارلىرىدىكى بوتكىلارغا سۇ كىرىپ كېتىش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بۇزۇلۇش، قاتناش توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە يەنە ئېنىقلانغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 7 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا رايون ۋەزىيىتىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەنلىكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.