تەكلىماكان چۆلى خىتاي ئۈچۈن مۆجىزىلىك جايغا ئايلانماقتا
2024.11.29
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى تەكلىماكان چۆلى ئاستىدا غايەت زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ قۇملۇقنىڭ ئاستىدا يەنە سۇ ئامبىرى ساقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 29-نويابىر چىقارغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تەكلىماكان چۆلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، دۇنيادا بولسا ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق. ئۇنىڭ كۆلىمى 337 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 50 مىللىمېتىرغا بارمايدۇ، ئەمما ھورلىنىش مىقدارى 2500 مىللىي مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان. ھالبۇكى، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئاستى ئەمەلىيەتتە سۇ ئامبىرىدىن ئىبارەت».
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئەتراپى تەڭرىتاغ، قۇرۇمتاغ ۋە ئالتۇنتاغ تىزمىلىرى بىلەن قورشالغان بولۇپ، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى، تاغ چوققىسىدىكى مۇزلارنىڭ ئېرىشى بىلەن بىر قىسىم سۇلار قۇملۇققا ئېقىپ كىرىپ، ئەگرى-بۈگرى ئاقىدىغان تارىم دەرياسىغا ئوخشاش دەريالارنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئەتراپتىكى بوستانلىقلارنى پەيدا قىلغان. بىر قىسىم سۇلار بولسا قۇملۇققا سىڭىپ كىرىپ يەر ئاستى سۇلىرىنى تولۇقلىغان. گەرچە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى تۆۋەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم ياغقان يامغۇر ياكى كەلگەن سۇلارنىڭ رولى چوڭ بولۇپ، قۇرغاق ئىقلىم ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ھايۋانلارنى ھاياتلىق سۈيى بىلەن تەمىنلىگەن. ئەسىرلەردىن بۇيان تەكلىماكان چۆلىگە سىڭىپ كىرگەن قار-مۇز سۇلىرى توپلىنىپ، ساقلىنىپ، ئەڭ ئاخىرى ناھايىتى مول سۇ ئاستى ئامبىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەگەر ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلانغان تەقدىردە، پۈتكۈل تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلاش مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردىن باشلاپ بىڭتۈەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەكلىماكان چۆلى ئەتراپىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولۇپ، «پولات تاۋلاش ھەرىكىتى» ۋە بىڭتۈەننىڭ زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىشى تۈپەيلىدىن، تەبىئىي ئورمانلىقلار قۇرۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىنى قۇم باسقان. زور مىقداردىكى توغراقلىقلار قۇرۇپ كەتكەن. پەقەت يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە خىتاي دائىرىلىرى قۇملۇقنى تىزگىنلەشكە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە يېقىندىن بۇيان يېشىللىق بەرپا قىلىش، قۇملۇقنى تىزگىنلەشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ، 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بەلبېغى» بەرپا قىلغان. بىڭتۈەننىڭ جەنۇبتا كېڭىيىشى، تۆمۈر يوللارنىڭ ياسىلىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەندە بىڭتۈەن شەھەرلىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن تەڭلا، تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلەشنىڭ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلاردىن ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە جەنۇبتا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىش، سانائەت شەھەرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ شەكلىنى يېڭىلاش ئۈچۈن جايلاردا زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلارنى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن بولسا خىتاينىڭ تەكلىماكاننى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ رايونغا تېخىمۇ زور ساندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.