خىتاي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرچە - خىتايچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ 6 خىل ئىقتىدارى تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدا خىتاي تىلى بىلەن ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت، قازاق، كورىيان، يىزۇ، جۋاڭزۇ تىللىرىدا ئۆزئارا پاراڭلىشىش دېتالى، ئۇيغۇرچە - خىتايچە تاۋۇشنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش دېتالى، ئالما ۋە ئاندىرويىد يانفونلىرى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ئۇيغۇرچە - خىتايچە ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش دېتالى، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق خەت كىرگۈزگۈچ، ئۇيغۇرچە توردا ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق ئالتە خىل دېتال سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە سۇنۇلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرچە - خىتايچە پاراڭلىشالايدىغان ماشىنا ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، نەق مەيداندا سىناق قىلىنغانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇرچە - خىتايچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلېكترون ۋە سىفىرلىق دەۋردىكى تەرەققىياتىنى نامايان قىلسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ئۇنىڭ ئاۋامنىڭ ئېھتىياجىنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت قۇرۇلتايلىرىدىكى تەرجىمە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.