رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا پاكىستاننى «دۆلەت ھالقىغان تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەزىيىتى ئىنتايىن سەزگۈر بولغان كەشمىر رايونىدا يېقىندىن بۇيان پورۇق ھىدى قايتا كۆتۈرۈلگەن. 18-سېنتەبىر كۈنى پاكىستان تەرەپنىڭ كەشمىردىكى ھىندىستاننىڭ ھەربىي بازىسىغا قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا 19 نەپەر ھىندى ئەسكىرى ئۆلگەن. مودى «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرى يىغىنىدا ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ھالدا پاكىستاننى «تېررورلۇقنىڭ ئانىسى» دەپ ئەيىبلىگەن.
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى پاكىستاننى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ خىتاي ئۆكتە قوپقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا پاكىستانغا چاپان يېپىپ: «بىز تېررورلۇقنى ھەرقانداق ئەھۋالدا مەلۇم بىر دۆلەتكە، مىللەتكە ياكى مەلۇم بىر دىنغا باغلاشقا قارشى تۇرىمىز،» دېگەن.
خۋا چۈنيىڭ ئۆز باياناتىدا پاكىستان ئۈچۈن ياقا يىرتىپ يەنە مۇنداق دېگەن: «پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا ئوخشاشلا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. پاكىستان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىنتايىن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە ئېغىر بەدەل تۆلىدى. مەن، خەلقئارا جەمئىيەت پاكىستاننىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
مەلۇمكى، خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى «تۆت پەسىلدە ئۆزگەرمەيدىغان دوستلۇق» ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىنتايىن قويۇق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، پاكىستان تەرەپ بۇ دوستلۇقنى «تاغدىن ئېگىز، دېڭىزدىن چوڭقۇر» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
