تېكساس شىتاتىنىڭ ھاررىس رايونلۇق سوتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بېكىتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئەسلى ماھىيىتىدىن تونۇشىغا تۈرتكە بولغانىدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى تېكساس شىتاتىنىڭ مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان رايونى بولغان ھاررىس رايونلۇق سوتى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر تۈرلۈك قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مىللىي يوقىتىش» دەپ بېكىتكەن.

15 مىنۇت داۋاملاشقان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تېكساستا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپەر گۇۋاھچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان ۋە مۇشۇ ۋاققىتچە ئىز-دېرىكىنى ئالالماي كېلىۋاتقان يېقىنلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سارا ھافىز ئۆزى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاڭلاتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئۇلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بۇ قېتىملىق قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ھاررىس رايونىدىكى ھەر خىل جامائەتنىڭ، بولۇپمۇ مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ».

بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە سوت تەرەپنىڭ مەيدانى ئوچۇق بىلدۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ تەخمىنەن 3 مىليون ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ قىينىغانلىقى، قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادىنى تامامەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن؛ ئامېرىكادىن كېيىن كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشنىڭ تامامەن توغرا بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.