4-ئىيۇن كۈنى 1989-يىلىدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن خوڭكوڭدا 100 مىڭ كىشىلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن .
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ نەق مەيدان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئىيىن كۈنى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملار ئاپتونومىيە بىرلەشمىسى باشلامچى بولۇپ، ۋېي جىڭشېڭ فوندى، خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى، خىتاي دېموكراتىك ياشلار كومىتېتى ۋە باشقا بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرە پائالىيىتىدە شام يېقىلىپ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۇرۈلگەن. خىتاي دېموكراتىك تەشكىلات ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى خىتايلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملار ئاپتونومىيە بىرلەشمىسى « ئەركىنلىك روھى مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى جاڭ خەيتاۋ ۋە گۇ فېيشوڭ قاتارلىقلارغا مەزكۇر مۇكاپاتنى بەرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن ئون نەچچە ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.
