خىتاي تىبەت راھىبى ۋە قوللىغۇچىسىنى جۈمە كۈنى قولغا ئالغان

خىتاي دائىرىلىرى چىڭخەي ئۆلكىسى ناڭچيەن ناھىيىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تىبەت راھىبى ۋە ئۇنىڭ 16 نەپەر قوللىغۇچىسىنى جۈمە كۈنى قولغا ئالغان.

بۇ ھەقتە دەسلەپتە ئۇچۇر تارقاتقان داڭلىق تىبەت يازغۇچى ۋوېسېرنىڭ يېتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تاڭ تەينخاۋ دەلىللىگەن.

تسېرىڭ ۋوېسېرنىڭ ئېيتىشىچە، راھىب كارما تسەۋاڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر راھىبلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 6-دېكابىر چېڭدۇ شەھىرىدە سەپەر قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كارما قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن 100 يېقىن تىبەتلىك چىڭخەي ئۆلكىسى ناڭچيەن ناھىيىگە يىغىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەتىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىن 16 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان.