ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە ياردەم بېرىش بىلەن تىك توكنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان
2024.04.22
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 20-ئاپرېل ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە ياردەم بېرىش بىلەن تىك-توكنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى (Reuters) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى شەنبە، يەنى2024-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كۈنى ئىككى پارتىيەنىڭ كەڭ قوللىشى بىلەن ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى پات ئارىدا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن پىرېزىدېنت جو بايدېننىڭ ئىمزاسى ئۈچۈن يوللىنىدىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىش، تەيۋەن ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بىخەتەرلىك ياردىمى كۆرسىتىش، خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى تىك-توك (TikTok) نى چەكلەش ۋە مۇسادىرە قىلىنغان رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى تىك-توكنى سېتىشقا مەجبۇرلاش، ئەگەر ساتمىغان تەقدىردە تىك-توكنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ لايىھە قانۇن بولۇپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئەگەر تىك-توكنى سېتىش بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرمىسە، تىك توك ئامېرىكادا چەكلىنىدىكەن.
مايكېل سوبولىك (Micheal Sobolik) كە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكا جامائەت پىكرىنىڭ ئىچىگە «سوقۇنۇپ كىرىش» ئارقىلىق ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە تەھدىت پەيدە قىلماقتىكەن. ئۇلار، تىك-توكنى دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە «ئامېرىكا بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى بولماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.
ئاقساراي ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىۋاتىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى مۇھىم، بۇ ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ كۈچلۈكلۈكى توغرىسىدا دۇنياغا كۈچلۈك ئۇچۇر بېرىدۇ. بايدېن ھۆكۈمىتى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېزلىكتە تەستىقلاپ پىرېزىدېنتقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ».
بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا 60 مىليارد 840 مىليون دوللار، ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ، پاي چېكى ۋە ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىشى ئۈچۈن 23 مىليارد دوللار، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن 26 مىليارد دوللار، ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجى ئۈچۈن 9 مىليارد 100 مىليون دوللار، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن 8 مىليارد 120 مىليون دوللار بېرىلىدىكەن.