«تىك-توك» نىڭ سابىق ئەمەلدارى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى
2023.05.16
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «بايتى دانس» (ByteDance) گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى باش تارماق شىركىتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى يۈ يىنتاۋ يېقىندا سان فرانسىسكو شەھەرلىك سوتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بايتى دانس» ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. «بايتى دانس» گۇرۇھى بولسا ئامېرىكا تەۋەسىدە كەڭ ئومۇملاشقان «تىك-توك» نىڭ ئانا شىركىتى ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۈ يىنتاۋ ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاسۇسلۇق قورالى بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە بۇنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن ئىشتىن بوشىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سان فرانسىسكو شەھەرلىك سوتقا ئەرز سۇنۇپ، «بايتى دانس» شىركىتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۈ يىنتاۋ 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە «بايتى دانس» شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تارماق شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ سوتتا بىلدۈرۈشىچە، «بايتى دانس» گۇرۇھىنىڭ بېيجىڭدا «كومىتېت» ناملىق مەخسۇس ئىشخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى «بايتى دانس» شىركىتىنىڭ ئەپلىرىنى نازارەت قىلىش، «كوممۇنىستىك قىممەت قارىشىنىڭ مۇشۇ ئەپلەردە ئومۇملىشىشىنى نازارەت قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەشكىل قىلغان. ئۇ سوتتا بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ «مەزكۇر ‹كومىتېت› ئەزالىرى ‹بايتى دانس› گۇرۇھىنىڭ بارلىق ساندانلىرىغا، جۈملىدىن ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ساندانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا خالىغان ۋاقىتتا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە» دېگەن. شۇنىڭدەك «بايتى دانس» گۇرۇھىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خالىغان مەزمۇنلارنى شاخلىتىش ياكى ئۆچۈرۈۋېتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
2023-يىلى مارتتا «تىك-توك» نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۇ شوۋزى (Shou Zi Chew) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە «ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئورگىنى بىزنىڭ ساندانلىرىمىزغا كىرەلمەيدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدىكى سوئال قايتا-قايتا سورالغاندىمۇ گەپ يورغىلىتىپ جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان ئىدى. سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى سوتتا بولسا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى يەنە بىر قېتىم پاش بولغان.