خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پىلانى» دىكى مۇھىم تۈرلەردىن بولغان خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى يېقىندا تاماملانغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھال «ئەڭ چوڭ چۆللۈكنى تۆمۈريول بىلەن ھالقىسىمان ئوراشنىڭ تاماملىنىشى» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 825 كىلومېتىرلىق بۇ تۆمۈريول لىنىيەسى خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ چاقىلىققا تۇتىشىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى تولۇق ئورايدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى چىڭخەيدىكى گولمۇدقا ۋە گەنسۇدىكى لەنجۇغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. خەۋەردە بۇ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ تاماملىنىشى ھەققىدە سۆز قىلىنىپ «ئەمدى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىشىلەر تۇرپان يولىغا ماڭمايلا ئۇدۇل چىڭخەي ئۆلكىسى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى سەپەر مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىر قىسقىرايدۇ» دېيىلىدۇ.
ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاشيول، تۆمۈريول ۋە ئايرودروم قۇرۇلۇشىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتايغا يۆتكەش ۋە ئىچكىرىدىن خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ» دەپ قاراپ كېلىۋاتقانىدى. گېرمانىيەلىك لاگىرشۇناس ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2040-يىلىغا بارغاندا تارىم ۋادىسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى بىر زور قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي نوپۇسىنى زور ساندا كۆچۈرۈش نەتىجىسىدە نوپۇس نىسبىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقى ئالاھىدە يورۇتۇلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا تامام بولغان بېيجىڭ-ئۈرۈمچى تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە بۇ قېتىمقى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا بۇ قەدەر زور مەبلەغ سېلىشى بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن گۇمانلارغا سەۋەب بولماقتىكەن.