خىتاينىڭ توڭلاتقۇ ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىشى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى
2023.01.24
ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ 23-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە قارىتا مىكرو شەكىللىك ئۆزەك (microchip) ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەر ساھەنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىىچە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل، توڭلاتقۇ، لامپۇچكا قاتارلىقلارغا ئورنىتىلغان مىكرو ئۆزەكلەر بۇ خىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن «قورال» قىلىنغان.
مەزكۇر جاسۇسلۇق قىلمىشى ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن «ترويان ئېتى» شەكلىدىكى بۇ خىل ۋاسىتە ھەققىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە مەخسۇس دوكلات يوللانغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي G5 تېخنولوگىيەسىنىڭ ياردىمىدە بۇ خىل ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئۆزەكلەر ئارقىلىق شۇ ئائىلىلەردىن توپلانغان ئۇچۇرلارنى خىتايغا يۆتكەپ كەتكەن ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئىستىخبارات نىشانلىرىنىڭ، جۈملىدىن شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل جاسۇسلۇق قىلمىشىنىڭ خەتىرى خىتايدا ئىشلەنگەن «خۇاۋېي» تېلېفونلىرىدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ ھال ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل دىققەتتىن ساقىت بولۇپ كەلگەن. دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، پېشقەدەم دىپلومات چارلېس پارتون (Charles Parton) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز تېخىچە بۇ خەتەردىن ئويغانمىدۇق. خىتاي مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ئۇلار تېزلا چەتئەل مەملىكەتلىرىنى ئۆزلىرىگە قارام قىلىۋالىدۇ» دېگەن.
يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى بىر ئاپتوموبىلنى رېمونت ئۈچۈن چۇۋۇغاندا مۇشۇ خىلدىكى ئۆزەك بايقالغان ھەمدە تېزلا بۇنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى ھەر بىر ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش قورالى بولۇپ كەلگەنلىكى پاش قىلىنغان. ئەمما دوكلاتتا ھەممىدىنمۇ خەتەرلىك بولغان ئىشنىڭ دەل «خىتاي كۆچمە تېلېفونى» قاتارلىق ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ مۇشۇ خىل ئۈسكۈنىلەر بازىرىدىكى مەھسۇلاتنىڭ 54 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى بولغان. خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە، خىتايدىكى بارلىق شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان ھەرقانداق سانلىق مەلۇماتنى تەمىن ئېتىش مەجبۇرىيىتى بولغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتلەر ئارقىلىق ئاشۇ ئۇچۇرلارغا خالىغان ۋاقىتتا ئىگە بولالايدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشۇ ئۈچ چوڭ خىتاي شىركىتى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈسكۈنىلەردىن كومپيۇتېر ساھەسىدىكى Dell، Lenovo، HP، Intel قاتارلىقلار، ئاپتوموبىل ساھەسىدىن Tesla قاتارلىقلار بار ئىكەن. دوكلاتتا مۇشۇ ئەھۋاللار ھەققىدىكى كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە «ئەركىن ۋە ئوچۇق جەمئىيەت بولغان غەرب دۇنياسى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ خىلدىكى ئۈسكۈنىلەرنى مەنئى قىلىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھەققىدىكى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشى لازىم» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.