ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپ 14 تۈرلۈك «قانۇنسىز قىلمىش» ئېلان قىلىنغان

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئىشخانىسى ۋە ج خ نازارىتى بىرلىشىپ، 14 تۈرلۈك «قانۇنسىز قىلمىش» ۋەقەلىرىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قىلمىشلار ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىنغان ياكى تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تېپىلغان قىلمىشلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغۇچىلار»، «ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلار»، «ئۆسەك گەپلەرنى پەيدا قىلغۇچىلار»، توردا قىمار ئوينىغۇچىلار ۋە ئالدامچىلىق قىلغۇچىلار، شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارتقاتقۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، «سەبىي يۈرەك»، «ئاقسا شاھزادە»، «نۇر» قاتارلىق 43 كيۇ كيۇ ھېسابى، «شاش كىنو» قاتارلىق 40 كىنو-ئېلان ھېسابى، «جانىم8»، «مەھلىيا Tv» قاتارلىق 11 ۋىچات (ئۈندىدار) ھېسابى «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتتى» دەپ تاقالغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغاندىن باشقا، بۇ رايوندىكى چەكلىك تور مۇھىتىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇر-ئالاقە مەزمۇنلىرىنىمۇ نازارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاساسىي ئېقىمغا مۇخالىپ ھەر قانداق پىكىرنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش بىلەنلا قالماي، «ئەسەبىيلىك، بۇزغۇنچىلىق، ئۆسەك گەپلەر» نىڭ ئۆلچىمىنى خالىغانچە بېكىتىپ، ئادەم تۇتۇشقا باھانە ئىزدەۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.