خىتاي تور بۇزارلىرى ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ۋە سودا شىركەتلىرىگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
2013.05.21
ئامېرىكانىڭ تور بىخەتەرلىك شىركىتى ماندي ئانتېنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تور بۇزارلىرى بىر مەزگىللىك جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئوخشىمىغان تېخنىكا بىلەن ئامېرىكانىڭ تور سىستېمىلىرىغا يەنە ھۇجۇم قوزغىغان.
ماندى ئانتې تور بىخەتەرلىكى شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى بېتتې لۇك بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ «بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزچە، بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇملىرى يەنە جانلاندى. ئۇلار بۇ قېتىم يېڭىدىن باشقا شىركەتلەرگىمۇ ھۇجۇم قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى خىتاينىڭ يېڭى بىر خىل كومپيۇتېر ئەسلىھەلىرىدىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھۇجۇمنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.» دېگەن.
بۇ يىل 2-ئاي مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ ماندى ئانتې تور بىخەتەرلىكى شىركىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم سودا شىركەتلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىنىڭ خىتاينىڭ تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇ تور بۇزارلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدىكى 61398 قىسمىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 3-ئاي مەزگىلىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەت كېڭىشى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىنتېرنېت ھۇجۇمىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. خىتاي تەرەپ بولسا، ئامېرىكانىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭمۇ تور بۇزارلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.