خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيەنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل قۇلايلىق سىياسەتلەرنى چىقارماقتا.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئانا-ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلار ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرسە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىشنى يولغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇرلارغا 50 نومۇر قوشۇپ بېرەتتى. لېكىن بۇ بەلگىلىمە ئۆتكەن يىلى بىكار قىلىنغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ماي بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىدە ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئاتا-ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قېتىپ بېرىلىپ، خىتاي تىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرى قىسقارتىلغان.
خەۋەردە، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا 15 نومۇر قېتىپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر بەلگىلىمە ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلغان. يېقىندا رايوندىكى ھەر قايسى ناھىيەلەر ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن نىكاھلانغان خىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئۆي، خىزمەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقارغانىدى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەركەكلەر بىلەن نىكاھلىنىشىنى ئىلگىرىلىتىشىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق ۋاسىتىلەرمۇ تەڭ ئىشقا سېلىنماقتىكەن. بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇچۇرلاردا، قىزىنى خىتاي ئەركەكلىرىگە بەرمىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ لاگېرغا ئەكىتىلىش بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈزۈمىنى ئۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ تەھلىل قىلىشماقتا ئىكەن. بۇ توغرىسىدا ئاۋسترالىيە لا تروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد: «نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى خىتايلارغا يات بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىدىيە ۋە خاھىشلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر» دېگەن.
