خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تۇغقانچىلىق» سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۈزلىنىشكە باشلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن خىتايلارنى ئۆز-ئارا «تۇغقان» قىلىش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۈزلىنىشكە باشلىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يېقىندا خوتەننىڭ كېرىيە، نىيە، چىرا قاتارلىق ناھىيەلىرىدىن 18 ئائىلىلىك بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلىرىگە زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرغان.

10‏-ئاۋغۇست باشلانغان زىيارەت 6 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر بىر ئائىلىدىن بىر بالا ۋە چوڭلاردىن بىر كىشى قاتناشتۇرۇلغان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، زىيارەت ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ تۇغقان تېپىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە شۇ يەرلىك خىتاي ئائىلىلەر بىلەن «جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» نى نامايان قىلىش تېما قىلىنغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

بۇ، چېن چۈەنگونىڭ يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئۆز-ئارا «تۇغقانچىلىق» ئورنىتىش پىكرى ئۇيغۇر رايونىدا رەسمىي سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار بىلەن تۇغقانلىشىش» قا ئۇيۇشتۇرۇشىدۇر.

چېن چۈەنگونىڭ «تۇغقانچىلىق» سىياسىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر «تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ ‏2009‏-يىلدىكى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» پەيدا قىلغان ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن بۆلۈنۈشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل مەجبۇرىي «تۇغقانچىلىق» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار، بۇ سىياسەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلىتىش يولىدىكى ئانا تىلنى چەكلەش، دىنىي ئېتىقاتنى كونترول قىلىش، تارىخىنى بۇرمىلاش قاتارلىق ھەر خىل سىياسەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ ۋېي بۇ پائالىيەتكە باھا بېرىپ، بۇ، ئۇلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.