يېقىندا خىتاي ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولغان «تۇلپار مۇكاپاتى» نىڭ 2016-يىللىق نامزاتلىرى تىزىمى ئېلان قىلىنغان.
جۇڭگو يازغۇچىلار تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى 55 ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ 75 پارچە ئەسىرى بۇ يىللىق «تۇلپار مۇكاپاتى» غا تاللانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ ھەر خىل ژانىرلاردىكى ئەسىرى بۇ يىللىق «تۇلپار مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.
«تۇلپار مۇكاپاتى» خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپات بولۇپ، ھەر يىلى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ «نادىر ئەسەرلىرى» باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇستەقىل يازغۇچىلار بىلەن كۆزەتكۈچىلەر، «تۇلپار مۇكاپاتى» نىڭ ساپ سەنئەت پرىنسىپلىرىغا قارىغاندا سىياسىي ئۆلچەمنى بەكرەك تۇتقا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، 28-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلىنغان بۇ يىللىق «تۇلپار مۇكاپاتى» نىڭ ئېرىشكۈچىلىرى ئىچىدە يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، ئاشې ۋە گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق ئۈچ نەپەر خىتاي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئابباس مۇنىياز، ئىلغارجان سادىق ۋە ئەسئەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بار ئىكەن.
ئىلگىرىكى يىللاردا «تۇلپار مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر مۇكاپاتقا كۆپىنچە خىتاي تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئەسەرلىرى كۆرسىتىلمەكتىكەن.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ يىل مارتتا «شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە كومپارتىيەنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئىلگىرىكى يىللاردا «شياڭزى تۆگە» ناملىق تېلېۋىزىيە تەرجىمە ئەسىرى بىلەن «تۇلپار مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
