تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان جازا لاگېرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ قاتتىق بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن ھەرىكىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ زور دىققىتىنى قوزغىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرگە نىسبەتەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەكسىچە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (ئاق پارتىيە) ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنگە كەلگەندە سادا چىقارغانلىقى بولسا مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى.
بۇ ھەقتە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئاپتور شەننون تىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› قارمىقىدىكى مەبلەغلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقتىن 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسىدە جىم تۇرۇشنى تاللىغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەدىكى جامائەتنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى ئاخىرى بۇ ھەقتە بىر ئىپادە بىلدۈرۈشكە قىستىغان».
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەدىكى «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» ۋە «ئىيى پارتىيەسى» قاتارلىق مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھاكىمىيەتتىكى ئاق پارتىيەگە پەيدا قىلغان زور رىقابىتىنىڭ رولى بولدى، دەپ قارايدىكەن. جۈملىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەگەر بۇ مەسىلىدە داۋاملىق سۈكۈت قىلغان تەقدىردە بۇنىڭ ئىچكى سىياسەتتە، يەنى سايلامدا خەلقنىڭ قوللىشىنى يوقىتىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. نەتىجىدە، تۈركىيەدىمۇ كەڭ تونۇلغان خەلق ناخشىچىسى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بۇ سۈكۈتنىڭ پارتلاش نۇقتىسى بولغان.
ماقالە ئاپتورى شاننون تىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ئەمدىكى مۇھىم سوئال بولسا تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق قىلىدىغانلىقى ئىكەن. بۇ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى يەنە خاپا قىلىشتىن ئەنسىرەپ، بولدى قىلامدۇ ياكى خەلقئارانى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەمدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بىر شەخسلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن باسىدىغان قەدىمىنىڭ دىققەت قىلىنىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
