تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىشتىكى يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، بۇ لايىھەنى ئومۇمى خەلق ئاۋازى‏ - «رېفېراندۇم»غا قويۇشنى قارار قىلدى.

مەزكۇر ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ئەگەر ئومۇمى خەلق ئاۋازىدا ماقۇللانسا، تۈركىيەنىڭ 1923‏-يىلى قۇرۇلغان پارلامېنت سىستېمىسىدىكى دۆلەتلىك قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ، پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە كۆچىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىدە باش مىنىستىرلىق تەسىس قىلىنمايدۇ. پرېزىدېنت ھۆكۈمەتنى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ. ئۇ مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى ئېلىپ تاشلاشتا ھېچقانداق ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە، پرېزىدېنتقا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالىرىنى، تۈركىيە تەپتىش ۋە سوتچىلار كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى تەيىنلەش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، قوراللىق قىسىملارغا قوماندانلىق قىلىش، خام چوتنى بېكىتىش قاتارلىق ئىشلاردا زور ھوقۇق بېرىلگەن.

مەزكۇر ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ كونسېرۋاتىپ «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ لايىھە تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنتتىكى 3‏-چوڭ كونسىرۋاتىپ پارتىيە - «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى»نىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، ئەردوغاننىڭ تەستىقىغا سۇنۇلغان. ئەمما بۇ لايىھە پارلامېنتتىكى 2‏-چوڭ سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە‏- «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى»نىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى مۇستافا كامال ئاتا تۈرك قۇرغان لايىق، سوتسىيال جۇمھۇرىيەت يولىدىن ئاداشقانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئاساسىي قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 16‏-ئاپرېل ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.