تۈركىيە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلىدى

يېقىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي باستۇرۇش ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ مەسىلىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى. بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىۋاتقاندا تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

13-فېۋرال كۈنى تۈركىيە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركان ئاقچاي تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاقسۆينىڭ 9-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم «ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇم سىياسىتىنى يوشۇرۇپ كېتەلمەيدۇ،» دېگەن.

ئۇ نۆۋەتتە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئالىملار، پروفېسسورلار، شائىر-يازغۇچىلار ۋە سەنئەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك «شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ھەقلىق داۋاسىنىڭ ئەگەشكۈچىسى ۋە قوللىغۇچىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر. بۇ ھال ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ،» دېگەن.