ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسى رەت قىلىنغان

تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلارچە كىشى قامالغان لاگېرلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى سۈرۈشتە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈركىيەدىكى «يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا ۋەكىلى ۋە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلىنىڭ ئىمزاسى بىلەن پارلامېنتقا سۇنۇلغان.

لايىھەدە «تۈرك خەلقى ۋە مىللىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنى توختىتىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مال ۋە جان بىخەتەرلىكىنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك،» دەپ چاقىرىق قىلىنغان.

تەكلىپ لايىھەسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت دوكلاتلىرى ۋە تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئاساسەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى مەجلىستىكى «ئىيى» پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ قوللىشى، ئەمما مەجلىستە كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئاق پارتىيەنىڭ رەت قىلىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تەرەپسىز تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان.