تۇرپاندىكى كارىز «خىتاينىڭ تارىختىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش مۆجىزىسىنىڭ بىرى» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا
2024.05.17
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىدا سۇ مەنبەسى بولغان كارىز بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ تارىختا ئېلىپ بارغان «بۈيۈك سۇ قۇرۇلۇشى» دەپ تونۇشتۇرۇلماقتا.
خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە «ئاخبارات گېزىتى» تاراتقۇسى ئېلان قىلغان بىر ۋىدىيودا، تۇرپاندىكى كارىز 2000-يىلدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان دەپ چۈشەندۈرۈلگەن، شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇش سەددىچىن سېپىلى ۋە بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى «ئۈچ چوڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش» دەپ مەدھىيەلەنگەن.
ۋىدىيودىكى چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دېيىلگەن: «چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەسلىكى مۇمكىن، 2000 يىل بۇرۇنلا خىتايلار كۆلىمى ناھايىتى زور بولغان ۋە ئۇستىلىق بىلەن لايىھەلەنگەن بىر يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ تۇرپاندىكى كارىزدۇر. ئۇ خەن دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، ئادەم كۈچى بىلەن يەر ئاستىدىن ئېرىق قېزىلغان، ئۇ تىك قۇدۇق، يېپىق ئېرىق، ئوچۇق ئېرىق ۋە سۇ كۆلچىكىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەشكىل تاپقان؛ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ؛ يەر ئاستىدا بىر-بىرى بىلەن كېسىشىدىغان ئېرىقلار 1000 دىن ئاشىدۇ. تېخنىكا جەھەتتە قالاق، ماتېرىياللار كەمچىل بولغان قەدىمكى دەۋردە ئىشچىلارنىڭ ئاددىي قوراللار بىلەن بۇنچە ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ قۇرۇلۇشىنى تاماملىغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ» .
تۇرپان قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن تارىخىي ماكانلاردىن بىرى بولۇپ، 9-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تۇرپاننى مەركەز قىلغان. تۈركولوگلار ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك شەھەر مەدەنىيىتى بەرپا قىلغانلىقى ۋە شۇ زاماندىلا يەر ئاستى سۇ يولى ۋە كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش يولىنى ياسىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرى ئىلگىرى كارىزنى ئۇيغۇر دىيارىغا پالانغان مەنچىڭ ئەمەلدارى لىن زېشۈ كەشىپ قىلغان دەپ ھېكايە توقۇغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە «كارىز خەن دەۋرىدە ياسالغان» دېگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى غەربىي خەن سۇلالىسى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60-يىللاردىن باشلاپ «خىتايغا تەۋە بولغان» دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ئىلىم ساھەسى بۇنى قوبۇل قىلغىنى يوق. 15 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئاسىيا بىلەن شەرقىي ئاسىيا رايونى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخچى ۋە خەلقئارا ئادۋوكات مايكىل ۋان ۋالت (Michael Van Walt) يېقىندا رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، 2000 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقاچان خىتاينىڭ ئىزچىل ھۆكۈمرانلىقى بولۇپ باقمىغانلىقىنى، پەقەت ئۆتكەن 19 ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان بولسا، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.