ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى خىتاينىڭ مارالبېشى ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى
2013.11.19
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف 19-نويابىر كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئالىم ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق قىرىپ تاشلىغانلىقى، ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىق قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ جىنايەتتۇر دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.